باشبەت رايون ئاستى
نونى ئېلانى بار ئورۇن ئۇلۇغ ئاتا ئېلانى بار ئورۇن ئىقتىساد تۇرمۇش ئېلانى

مۇشۇ تۈردىكىئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
ئۇچۇر كۆرۈش بەت ئالاقە يان تەرەپ ئېلانى

تېلىۋىزىيە پىروگىراممىسىغا مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەيمىز

ئورنىڭىز > ئۇچۇر سەھىپىسى > ئۇنۋېرسال ئۇچۇر > پائالىيەت / يېڭىلىقلار     تەستىقلىغۇچى : ئابدۇرېھمجان
شەخسىي ئۇچۇر
ئاقسۇ ئۇچۇر تورنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ www.0997.cn تور بېكەت ئادرېسىنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ
بالىلار ئويۇنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئەقىل–پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز بالىلار ئويۇنلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىنى ئاشۇرغان. بالىلار ئويۇنلىرى چاققانلىقنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، بەلكى ئويۇننىڭ باشلىنىشىدىن نەتىجىسىگىچە سەۋەب–نەتىجە مۇناسىۋىتى ھەققىدە جىددىي ئويلىنىش ۋە تېز قارار چىقىرىشتەك ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان. شۇڭا، ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى بالىلارنىڭ مەنىۋى ساغلاملىقىنى ئەقلىي بىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
بۇرۇن يېزا–قىشلاقلاردىن شەھەرلەرگىچە بالىلار ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە ھەتتا كېچىلەپ بالىلار ئويۇنلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. بۇ جەرياندا بالىلارنىڭ ھەمكارلىق، ئىتتىپاقلىق، بىر–بىرىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىنسانىي پەزىلىتى يېتىلىش بىلەن بىللە، ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، بىر–بىرىنى يېتەكلەشتەك تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. بالىلار ئويۇنلىرى كۆڭۈللۈك بولغاندىن باشقا، كىچىكلەر چوڭلاردىن، ياشلار پېشقەدەملەردىن ئەدەپ–ئەخلاق، بىلىم ئىگىلەپ، بالىلارنىڭ جىسمانىيىتىنى چېنىقتۇرۇش بىلەن بالىلارغا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. تېلېۋىزورنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئومۇملىشىشى بالىلار ئويۇنلىرىنى بالىلار تۇرمۇشىدىن ئاستا–ئاستا يىراقلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، بالىلاردىكى كوللېكتىپ پائالىيەتنىڭ ئورنىنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش، تورغا ۋە تېلىفونغا مەپتۇن بولۇش ئىگىلەۋاتىدۇ. بۇرۇن بالىلار مەكتەپتىن قايتقاندا ھەر خىل ئويۇنلارغا كىرىشىپ كەتكەچكە، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى بىلەلمەي قالىدىغان بولسا، ھازىر مەكتەپتىن قايتىپلا ئۆيىگە بېرىپ تېلېۋىزور ياكى تور ، تېلىفون دۇنياسىغا تىكىلىپ ئولتۇرىدىغان بولدى. بۇرۇن توپ–توپ بولۇپ ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ قىيقاس–چۇقان بىلەن ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايدىغان يېزىلاردىمۇ مۇنداق مەنزىرىنى كۆرگىلى بولمايۋاتىدۇ. ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان مۆكۈ–مۆكىلەڭ ئويۇنى بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئويۇن بولۇپ، بۇنىڭدا چاققانلىق، تېزلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئويۇندا ئىككى تەرەپ جىسمانىي جەھەتتە بەسلىشىپلا قالماي، بەلكى ئەقلىي جەھەتتە كەسكىن ئېلىشىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئويۇنلارنىڭ دائىم بولۇپ تۇرۇشى بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتە تاۋلاپ، ئەقلىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلدۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. مەكتەپلەردىكى توپ ئويناش، تەپكۈچ ئويۇنلىرى بالىلارنى ئەقلىي ھەم جىسمانىي جەھەتلەردە چاققان، سۈرئىتى تېز بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ–يېتىلىشىدە پايدىلىق رول ئوينايدىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى بالىلارنىڭ قايتا تېپىۋېلىشى ئۈچۈن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى مەخسۇس تۈرلەر بويىچە بالىلار ئويۇنلىرى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بالىلارنى بالىلار ئويۇنلىرىغا يېتەكلەش لازىم. ئەگەر، بالىلارنى بالىلار ئويۇنىغا يېتەكلىگەندە بالىلاردىكى تېلېۋىزورغا، تورۋە تېلىفونغا مەپتۇن بولۇشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇغۇچىلار تېلېۋىزوردىن ئايرىلالماسلىقتەك تەنھالىقتىن يان تېلېفونغا مەپتۇن بولۇشتەك يەنە بىر خىل تەنھالىققا يۈزلەندى. ئەگەر بالىلار مەكتەپلەردە بالىلار ئويۇنلىرىغا جەلپ قىلىنسا، ئۇلارنىڭ تېلېۋىزور، تور، يان تېلېفون ئالدىدىكى ۋاقتىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگىلى بولمىسىمۇ، كۆپ قىسىم ۋاقتىنى مەنىۋى، جىسمانىي جەھەتتە ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرىدىغان جەريانغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا، مەكتەپلەرلا ئەمەس ئاتا–ئانىلارمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن پەرزەنتلىرىنى بالىلار ئويۇنلىرىغا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم.
ئەمدە مەقسەتكە كەلسەك ، جوڭگو پوچتا تېلىگىراف شىنجاڭ تارماق شىركىتى كۆرك ئېكرانى تاللا تېلىۋىزىيەسى ، ئاقسۇ سىتۇدىيىسى يېقىمدا ناق مەيداندا سۇرەتكە ئېلىپ تېلىۋىزور بىلەن كۆرك يان تېلىفون تېرمىنالى ( ئەپ دېتالى ) دا ئېلان قىلماقچى بولغان يېڭى پىروگىرامما .
پىروگىراممىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىدىي :
ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ ئارلىقىدىكى مىھرى مۇھەببەتنى يېقىنلاشتۇرۇش ، ئۆز ئارا چۇشۇنىش ، ئائىلىدە يان تېلىفونغا بولغان مەپتۇنلىقىنى يوقىتىپ ساغلام بولغان داپا پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بالىلارغا خوشاللىق بېغىشلاش .
پىروگىرامما شەكلى :
ھەپتىدە بىرسان سۇرەتكە ئېلىنىدۇ ( سۇرەتكە ئاقسۇدىكى ئەڭ مەنزىرلىك جايلار ، ساياھەت ئورۇنلىرى ئاساس قىلىنىدۇ )
ھەر بىر سانغا 4 ئائىلە قاتنىشىدۇ ، ھەر بىر ئالىلىدىن ئاتا-ئانا بالا بۇلۇپ ئۇچ ئادەم قاتنىشىدۇ .
قاتناشقۇچىلارغا بولغان تەلەپ ، بالىلار چۇقۇم 6 ياشتىن 11 ياش باشلانغۇچتا ئۇقىۋاتقان بالىلارنى ئاساس قىلىنىدۇ ، قاتناشقۇچىلار بالىلىرىنىڭ شۇ كۇنلىك پائالىيەتتىكى بارلىق بىخەتەرلىكىگە ئۇزى ئىگە بۇلىدۇ ،
بارلىق قاتناشقۇچىلار شۇ كۇنلىك سۇرەتكە ئېلىنىش مەزگىلىگە باش رىژىسورنىڭ ھەم رىياسەتچىنىڭ قۇماندانلىقىغا شەرىتسىز بويسۇنىشى كېرەك ، ئۇنداق بولمىغاندا نەق مەيداندا سالاھىيتى ئېلىپ تاشلىنىو ئورۇنىغا زاپاس ئائىلە سەپلىنىدۇ .
ئاساسىي ئۇيۇن ئورۇنلاشتۇرۇش :
ۋاللەي كالتەك ئۇرۇش ئۇيۇنى ، چانا تېلىيىپ مۇسابىقىلىشىش ، نۇر چۆرگىلىتىپ سوقاشقا سېلىش ، ئىككى كىشىلىك بەلگە ئارقان تارتىپ قارشى تەرەپنى مىدىرلىتىۋىتىش ، تەپكۇش تېپىش ، تىكتاك توپ پالىقى ئارقىلىق پالاققا توپ قۇيۇپ يۇگۇرۇپ پەللىگە بېرىش ، 4 ئائىلىدىكى ئانىلارنى تەتۇر قارىتىپ قۇيۇپ ئارقا دوققىسىغا يۇز قاپقان ( ( 面具 تاقاپ 4 بالىنىڭ كۇزىنى ئىتىپ 5 نى چۆگىلەتكەندىن كىيىن كۇزىنى ئېچىۋىتىپ بېرىپ ئانىسىنى تۇنۇش ئۇيۇنى ، 4 ئائىلىنىڭ دادىسىنىڭ كۇزىنى ئىتىپ ئانىسى بىر تەرەپتە ، بالىسى بىر تەرەپتە 5 مىتىر ئارىلىقتىن دادىسىغا مەلۇم چىلەك ، يەكى تەلەڭگە قاتارلىق نەرسىلەرگە توپا ، ياكى قار ياكى باشقا يىنىك نەرسىلەرنى ئاپىسى توشقۇزۇپ بىرىدۇ ، بالىسى 5 مىتىر نېرىسىدا تۇرۇپ دادىسىنى چاقىرىدۇ ، دادا كۆزى ئىتىك ھالەتتە بالىسىنىڭ ئاۋازى چىققان تەرەپكە بېرىپ قۇلىدىكى توشقۇزغان قار ياكى باشقا نەرسىنى مەلۇم جايغا تۆكۇش ، ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئايالى ۋارقىرغان تەرەپكە بېرىپ يەنە تۇشۇش ، مۇشۇ تەرەققىدە بىر نەچچە قېتىم .
بۇنىڭدىن باشقا ئۇيۇنلارنى بارا بارا كىڭەيتىپ ھەربىر ساندا ئوىشىمىغان يېڭىلىقلارنى ئىجات قىلىش .

ئەمدى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى ، كارخانا ، شىركەت تەشۋىقاتىنى ئېكراندا يۇمشاق ۋاستە ئېلان قىلىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ ، مەسىلەن : رىياسەتچى پىروگىرامما بېشىدىكى سۆزىدە پالانى شىركەت ، پالانى كارخانا ، پالانى مەھسۇلات بۇ پىروگىراممىمىزنى ئالاھىدە قوللىدى ، يەنە پىروگىرامما ئارلىقىدا بىر نەچچە رەت قايتىلىنىدۇ ، پىروگىرامما سۇرەتكە ئالماقچى بولغان ئورۇنلارغا شۇ شىركەت ، شۇ مەھسۇلارلارنىڭ چوڭ تەشۋىقات رەسىملىرىنى لوزىنكا شەكلىدە ئېسىز ، ياكى ياسالغان سەھنىگە چوڭ بېسىپ چىقىرىلىدۇ ، يەنە مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان گۇرۇپا ئەزالىرىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن بىرىنچىدىن تۆتىنچىگىچە مۇكاپات بىرىلىدۇ ، مۇكاپارنى ھەرقايسى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ياكى شەخسىي شىركەتلەر ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئۆزىنىڭ ئەمەليەتىگە ئاساسەن تارقىتىپ بىرىدۇ ، رىياسەتچى ئېلان قىلىدۇ ، مەھسۇلاتى يوق شىركەتلەر ، نەق پۇل ياكى ماددىي بۇيۇملارنى مۇكاپات شەكلىدە سوغا قىلسا بۇلىدۇ ، رىياسەتچى ئېلان قىلىدۇ .
ئەڭ ئاخىرىدا فىلىم تۇگىگەندە فىلىم خەتلىرى ھەم بايان چۇشەندۇرىشىدە شىركەتنىڭ لوگوسى ۋە ئېلان تەشۋىقاتتى رەسىم شەكىلدە ئېكران يۇزىدە سىيرىلما ھالەتتە ئۇتىدۇ .
ئىسىڭىزدە بولسۇن ، تېلىۋىزور ئېلانى ئادەتتىكى تەشۋىقات گېزىتىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئۇنۇملۇك ، بۇنى مەن دىمىسەممۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسىدىكى سەنئەت پىروگىراممىسىدا كۇرۇپ تۇرىسىز . بۇلارنىڭ تىپىك مىسالى ، ئابىدە ، سەبىيلەر ، ئامىنە ، ئارمان گوروھى ...........
تېلىگىراف شىنجاڭ تارماق شىركىتى كۆرك ئېكرانى تاللا تېلىۋىزىيەسى بولسا پۇتۇن شىنجاڭۇنى قاولىغان تاللا تېلىۋىزىيەسى ، كۆرك يان تېلىفون تېرمىنالى ( ئەپ دېتالى ) بولسا ھەقسىز دېتال ، ھەرقانداق ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفونلاردا ھەقسىز كۇرەلەيدۇ .
سىتاستىكا جەدىۋىلى :كۆرك ئېكرانى تاللا تېلىۋىزىيەسى نىڭ بىر كۇنلىۇك كۇرۇش سانى 20 مىڭدىن 50 مىڭگىچە . كۆرك يان تېلىفون تېرمىنالى ( ئەپ دېتالى ) نىڭ بىر كۇنلۇك كۇرۇش نىسبىتى 50 مىڭدىن 100 مىڭگىچە ، بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەقىياتقا ئەگىشىپ كۇندىن كۇنىگە ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ .
تېلىۋىزىيە پىروگىراممىسىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى چاغان ئارام ئېلىش ۋاقتى ، يەنى 2017-يىلى 2- ئاينىڭ 1 كۇنى ، بۇنىڭدىن بۇرۇن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
ئالاقىلىشىش ئادىرىدى : ئاقسۇ شەھەر چوڭ تۆت كوچا جوڭگو پوچتا تېلىگىراف ئاقسۇ شۆبە شىركىىتى B بىنا 703 ئىشخانا كۆرك ئېكرانى ئاقسۇ فىلىم ئىشلەش مەركىزى
ئالاقىلەشكەندە قارشى تەرەپكە مەزكۇر ئۇچۇرنى ئاقسۇ ئۇچۇر تورىدا كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ
  • ئالاقىلاشقۇچى : كۆرك ئېكرانى
  • تېلفۇن نۇمۇرى : 13899211006
  • QQ نۇمۇرى :
  • تەۋە تۈرى : ئۇنۋېرسال ئۇچۇر
  • ئىناۋەتلىك ۋاقتى : 360 كۈن
  • رايون تەۋەلىكى : ئاقسۇ شەھىرى
  • يوللانغان ۋاقتى : 2017 - 01 - 26
  • رايون تەۋەلىكى : ئاقسۇ شەھىرى
  • www.0997.cn
  • يانفۇندا كۆرۈش
مۇشۇ تۈردىكىئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
ئۇچۇر كۆرۈش بەت ئالاقە ئاستى